مالايشىيا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

كىم جۇڭ ئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسىنىڭ مالايشىيادا سۇيىقەستكە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن مالايشىيا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىپ چىققان سۈركىشلەر بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.

685946
مالايشىيا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسىنىڭ مالايشىيادا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سۈركىلىشلەر بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.

مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە ئەلچىسىنى «خالانمىغان شەخس»ئېلان قىلىپ، ئۇنى مالايشيادىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىمۇ  پىيوڭياڭدا تۇرۇشلۇق مالايشىيا ئەلچىسىنى «خالانمىغان شەخس»ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە ئەلچىسى كاڭ چول مالايشىيادىن چىقىپ كەتتى. ئەلچى كاڭ چول كىم جۇڭ نامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ئۈستىدە مالايشىيا دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مالايشىيانىڭ شىمالىي كورېيە ئەلچىسى 20-فېۋرالدا كېڭەش قىلىش مەقسىتىدە كۇئالالۇمپۇرغا چاقىرتىلغانىدى.

مالايشىيا ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى خالىد ئەبۇ باكار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كىم جۇڭ نامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراش دېلوسىغا چېتىشلىق 3 شەخسنىڭ ھېلىھەم شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەبۇ باكار شىمالىي كورېيەلىك مەسئۇللارنىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ماسلاشمىغانلىقلىرىنىمۇ ئېيتتى.

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەدىكى مالايشىيالىقلارنىڭ شىمالىي كورېيەدىن ئايرىلىشىنىڭ ۋاقىتلىق چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مالايشىيا باش مىنىسىتىرى نەجىپ رىزاق،  شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىيە قائىدە- پىرىنسىپلارغا زىت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، مالايشىيا پۇقرالىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

باش مىنىستىر نەجىپ رىزاق ساقچى ئىدارىسىغا شىمالىي كورېيەدىكى مالايشىيا پۇقرالىرى قويۇپ بېرىلمىگۈچە مالايشىيادىن ئايرىلماقچى بولغان بارلىق شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىنى توسۇپ قېلىشقا يوليۇرۇق بەردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ كۇئالالۇمپۇردىكى ئەلچىخانىسىمۇ مالايشىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋ ئاستىغا ئېلىندى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسى كىم جۇڭ نام، 13-فېۋرالدا كۇئالالۇمپۇردىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغانىدى.

مالايشىيا دائىرىلىرى سۇيىقەست دېلوسىغا چېتىشلىق 7 شىمالىي كورېيەلىكنى ئىزدىمەكتە.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر