1901-يىلدىن بۇيان ئاران 48 ئايال نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

نوبېل مۇكاپاتى تەستىقلاندىن بۇيان ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خانىم-قىزلارنىڭ سانى ئاران 48 ئەتراپىدا ئىكەن.

686298
1901-يىلدىن بۇيان ئاران 48 ئايال نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەريىلى دۇنيا خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.  

لېكىن بەزى سىتاتىستىكىلىق ئۇچۇرلار بۇ ھەقىقەتنىڭ تەكىتلەنگىنىدەك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

مەسىلەن، نوبېل مۇكاپىتىغا 1901-يىلدىن بۇيان ئاران 48 ئايال لايىق كۆرۈلدى.

نوبېلنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپىرىدە ئەرلەر بولسا 822 نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

تىنچلىق ۋە ئەدەبىيات ساھەسى ئاياللار ئەڭ كۆپ نوبېلغا ئېرىشكەن ساھەلەر بولۇپ، ئاياللار 14 تىنچلىق، 14 ئەدەبىيات، 12فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا، 4 خېمىيە، 2 فىزىكا ۋە 1 ئىقتىسادىي ساھەدە مۇكاپات ئالدى.

مارى كىيورى 1903-يىلى فىزىكا، 1911-يىلى خېمىيە ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ،  ئىككى قېتىم  نوبېلغا ئېرىشكەن يېگانە ئايال ئۇنۋانى سالاھىيىتىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا 2014-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاكىستانلىق 17 ياشلىق ئوقۇغچى مالالا يۇسۇفزاي، 1991-يىلى بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇ چى، 2011-يىلى يەمەنلىك پائالىيەتچى تەۋەككۇل قارمان، لىبېرىيە  پىرېزىدېنتى ئېللېن، جونسون-سىرلاف ۋە لىبېرىيەلىك لېيماھ گىبوۋې، 2004-يىلى ئافرىقىلىق ۋانگارى ماتخاي ئېرىشتى.

سەلما لاگېرلوف ئەدەبىيات ساھەسىدە 1909-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئايال ئىدى.

فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى تۇنجى نوبېل مۇكاپاتىنى 1947-يىلى بىيوخېمىيەچى گېرتىي تېراس كورى ئالدى. كورى مۇكاپاتنى يولدىشى كارل فېردىناند كورى ۋە ئارگېنتىنالىق فىزىئولوگ بېرناردو ھوسساي قاتارلىق شەخسلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسۇز ۋىرولوگ فرانسۇا باررې-سىنوسسىمۇ 2008-يىلى HIV نى بايقاپ،  فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا ساھەسى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر