ئىراق ئارمىيەسى دائېشقا قارشى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

ئىراق  ئارمىيەسى بىر مەھەللىدىلا 60 تىن ئارتۇق دائېش ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۈلغانلىىقنى ئېيتتى.

685753
ئىراق ئارمىيەسى دائېشقا قارشى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق قىسىملىرى مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، بىر مەھەللىنىڭ كونتىرللۇقىنى تولۇق تارتىپ ئالدى، ئىككى مەھەللىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى قۇتقازدى.

ئىراق ئورتاق ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەسسەمۇد مەھەللىسىنى تولۇق كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق ئارمىيەسى خادىملىرىدىن يۈز بېشى نائىف ئەز زۇبەيدى: «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشچى قىسىملار سەمۇد مەھەللىسىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە 60 تىن ئارتۇق دائېش ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق فېدېرال ساقچى تەشكىلاتى خادىمى پالكوۋنىك ھۇسەيىن ئەل ۋېناس مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ئەل دەندەن، ئەددەۋاسە مەھەللىرىنىڭ %70 نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

پالكوۋنىك ھۇسەيىن ئەل ۋېناس مەزكۇر مەھەللىلەردە ھۆكۈمەت بىنالىرى قاتارلىق بەزى ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىلارنىڭ ھازىرمۇ دائېشنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېررورلۇقا قارشى كۈرەش قىسىملىرى خادىمى ۋىسام ئەبۇد ئەل ھەيسمۇ مەھەللىلەردىكى توقۇنۇشتا 3 مەرگەن بىلەن قوشۇلۇپ، 26 دائېش ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، نۇرغۇن ساندا ئوق - دورىلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىسام ئەبۇد ئەل ھەيس يەنە، تۇقۇنۇشلاردا ئىراق ئارمىيەسىدىن 14 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى 32 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراق ئارميىەسى مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمىنى دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى دائېشتىن تولۇق تازىلىغاندىن كېيىن، 19 – فېۋرالدا شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر