ترامپ ئوبامانىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دوندلد ترامپ كونگرە ئىستىخبارات كومىتېتىدىن ئۆتكەن يىلى سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ تەكشۈرۈش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ-پايدىلانىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

685334
ترامپ ئوبامانىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ تەكشۈرۈلۈشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: «پىرېزىدنېت ترامپ كونگرە ئىستىخبارات كومىتېتىدىن 2016-يىلى رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە، سابىق پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ-پايدىلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئاقساراي بىلەن ترامپنىڭ تەكشۈرۈش ئاياقلاشقىچە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچنەرسە دېمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دونالد ترامپ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلەشكەن بىر ئۇچۇرىدا، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ سايلامدىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىلگىرى تېلېفونىنى مەخپىي ئاڭلىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىدى. ئوبامانىڭ باياناتچىسى كېۋىن لېۋىس بولسا، ترامپنىڭ دەۋالىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ سابىق باشلىقى جېيمېس كلېپپېر بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېيمېس كومىمۇ ترامپنىڭ بۇ دەۋالىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىدا بۇ شەكىلدە بىر شەخسنىڭ تېلېفوننى مەخپىي ئاڭلاش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن پىرېزىدېنتنىڭ بۇيرۇقى يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر