شىمالىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي يەنە بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل نارازىلىقلارغا قارىماي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

685476
شىمالىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي يەنە بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىيوڭياڭ دائىرىلىرى، يەكشەنبە (تۈنۈگۈن) ئارقا – ئارقىدىن 4 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

ياپونىيە دېڭىزىغا چۈشكەن بومبىلارنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇساپىسى قىسقا بولسىمۇ، سىياسىي مۇساپىسى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى؛ سىناققا بىرىنچى بولۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئامېرىكا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ھالدا بۇ كېچە سىناق قىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىمەكتە» دەپ بايانات بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، ئامېرىكىنىڭ ئۆزى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ھۇجۇملاردىن مۇھاپىزەت قىلىش ۋە بۇ خەۋپنى يوقىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەمۇ يېڭىدىن بومبا سىناق قىلغان شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى؛ جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشقارمىسى، ياپونىيە دېڭىزىغا قاراپ 1000 كىلومېتىردەك ئىلگىرىلىگەن بومبىلارنىڭ تۈرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر