ئامېرىكىدا ترامپ سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى

ئامېرىكىنىڭ بەزى شەھەر ۋە ئىشتاتلىرىدا دونالد ترامپنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ترامپ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى.

684872
ئامېرىكىدا ترامپ سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ترامپ ئۈچۈن ھەرىكەتلىنەيلى»ناملىق نامايىشلاردا جېدەل چىقتى.

غوللۇق مېدىيالار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى، 30غا يېقىن ئىشتاتتا 4-مارتتىن ئىلھام ئېلىپ «ترامپ ئۈچۈن ھەرىكەتلىنەيلى»نامى ئاستىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

پايتەخت ۋاشىنگىتون، نىيۇيورك، مىچىگان، فىلورىداغا ئوخشاش شەھەر ۋە ئىشتاتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ئاساسەن جېدەلسىز ئۆتكەن بولسا، كالىفورنىيەنىڭ بېركېلېي شەھىرىدە دونالد ترامپ تەرەپدارلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر توقۇنۇشۇپ  قالدى.

مۇشت-پەشۋا ۋە تاياق-توقماقلار بىلەن ئۆز-ئارا جېدەل قىلغان ئىككى تەرەپ بىر-بىرىلىرىگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. ساقچىلار ئارىلاشقان ۋەقەلەردە بەزى كىشىلەر يارىلاندى، ساقچىلار ئەڭ ئاز 5 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

مىننېسوتادىمۇ 300دەك دونالد ترامپ قوللىغۇچىسى بىلەن 50دەك ئۆكتىچى ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى، ساقچىلار 6 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.

ۋاشىنگىتوندىكى نامايىشلاردا چىققان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن4، تېننېسسېدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

دونالد ترامپ قوللىغۇچىلىرى نىيۇيوركتىمۇ ترامپ مۇنارى ئالدىغا يىغىلىپ، پىرېزىدېنت ترامپنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شەھەر ۋە ئىشتاتىدا دونالد ترامپنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتناشقانلار سانىغا قارىغاندا، دونالد ترامپقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكى كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر