سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى تەلەپ قىلدى

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى 4-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبىتىدە، ئامېرىكا ۋە رۇسيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرگە قارىتىپ، سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى چاقىرىق قىلدى.

683872
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا ئۆكتىچىلەر ۋە بەششەر ئەسەدنىڭ ھەيئەتلىرى ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر نامىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ناسىر ئەلھارىرى، دېمىستۇرا بىلەن دىققىتىنى سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بىزنىڭ نىشانىمىز بىخەتەر ۋە مۇقىم بولغان سۈرىيە، زامانىۋى سۈرىيە ئۈچۈن ئۇچرىشىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ دېمىستۇرا بىلەن يەنە قايتا كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى ۋە مۇزاكىرە باسقۇچىنىڭ پەقەت ب د ت بىلەنلا داۋاملىشالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ باسقۇچتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، رۇسىيەنىڭمۇ بۇ توغرىدا ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى پالمىرا قەدىمكى شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى تەبرىكلەپ-تەبرىكلىمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بۇنداق قىلساق، كېيىنكى ۋاقىتتا دائېش پالمىرانى قايتا قولغا كىرگۈزۈۋالسا، ئۇنىمۇ تەبرىكلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا تېررورىستتۇر. بەششار ئەسەدنىڭ پالمىرا ھىيلىسىگە قارىساق < توم مۈشۈك ۋە جېررىي چاشقان> ناملىق قونچاق فىلىمىنى كۆرگەندەك بولىمىز.»

دېمىستۇرا بىلەن كۆرۈشكەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتىنىڭ باشلىقى جافەرى، ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئۇچرىشىش ئېھتىمالى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئېھتىمالنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دېمىستۇرا بىلەن كۆرۈشكەندە، سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ ھۆكۈمىتى، يېڭى ئاساسىي قانۇن، سايلام ۋە تېررورىزم قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

جافەرى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە قانچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئال قايتا-قايتا سورالغان بولسىمۇ، جاۋاب بەرمىدى. ئۇ: «قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، قولىمىزدا يېڭى سانلىق مەلۇماتلار يوق» دېيىش بىلەن كۇپايىلەندى.

جەنۋەدە ب د ت نىڭ كۆزىتىشى ئاستىدىكى 4-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبەتلىرى 23-فېۋرال باشلانغان ئىدى. بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، 14-مارت قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا سۈرىيە ئۇچرىشىشلىرىنىڭ باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر