مالايشىيا شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مالايشىيا، شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ۋىزىسىز كىرىش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى.

683090
مالايشىيا شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى  زاھىد ھامىدى، شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ۋىزىسىز كىرىش تۈزۈمىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مالايشىيانىڭ بۇ قارارى، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسى كىم جوڭ نامنىڭ 13 – فېۋرالدا كۇئالا لۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بىرى ھىندونېزىيە يەنە بىرى ۋىيېتنام پۇقراسى ئىككى ئايال تەرىپىدىن VX نېرۋا گازى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ شېرىكى بولغان بىرلەشمە مالاي مىللىي تەشكىلاتى پارتىيەسىگە ئەزا بىر تۈركۈم كىشى ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلماسلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ جەرياندا، كىم جوڭ نام جىنايىتى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىككى ئايالنى سوتلاش جەريانى تۈنۈگۈن باشلىدى. گۇماندارلار، سوت كوللېگىيەسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سوتتىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

گۇماندارلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوتى 13 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، گۇماندارلارنىڭ جىنايەتلىرى بېكىتىلگەن تەقدىردە، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر