خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىش چاقىرىقىدا بولدى

رويتېرس ئاگېنتلىقى دائېشنىڭ ئېلان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئورۇن ئالغان ۋىدېئونىڭ مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

682997
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىش چاقىرىقىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرسى بولغان «ۋەتەن گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكىتە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيە ۋە ئىراققا بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. 

دائېشنىڭ ئۇيغۇرلار قوراللىق مەشىق قىلىۋاتقان بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئاراغا ئالاھىدە چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان سۈرىيە، ئىراق ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا دائېش قاتارلىق بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تارمىقىدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا چىقىۋاتقان سۈركىلىشلەردە، يۈزلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سۈركىلىشلەرگە ئىسلامچىلارنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، دائېش ئۇيغۇرلار ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن يېرىم سائەتلىك بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلغان، بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ۋىدېئونىڭ مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ۋىدېئو مۇشۇ ھەپتە مېلىتان گۇرۇپپىلار ھەققىدە مەلۇمات توپلايدىغان ۋە مەركىزىي ئامېرىكىغا جايلاشقان «SITE Intelligence Group» تەرىپىدىن تارقىتىلغان دەپ قارالماقتا. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مەزكۇر ۋىدېئوغا دىققەت قىلمىغانلىقىنى ۋە  كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ باياناتىدا: «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ۋە بۆلگۈنچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتىمىز ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر