خىتاي ئۇگانداغا گۈرۈچ ياردەم قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇگاندانىڭ ئاشلىق قىسىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

682438
خىتاي ئۇگانداغا گۈرۈچ ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇگانداغا 5983 توننا گۇرۇچ ياردىمى بېرىش ئارقىلىق دۆلەت دۇچ كەلگەن ئاشلىق قىسىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاشلىق ياردىمى تۈنۈگۈن ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالادا ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇلدى.

خىتاينىڭ كامپالادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ جۇچياڭ، ئەلنىنونىڭ تەسىرىدە ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇگاندانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى ئافرىقا دۆلىتىدە ئاشلىق قىسىنچىلىقىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن باش ئەلچى، ئۇگانداغا قىلىنغان ئاشلىق ياردىمىنىڭ 2015 – يىلى چاقىرىلغان «خىتاي – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى» دا ھاسىل قىلىنغان ئۈنۈمنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇگاندا باش مىنىستىرى رۇخاكا رۇگۇندا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىنسانپەرۋەر ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ خىتاي – ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ بىر سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر