ئىراندا 11 مىليون ئادەم ئاچلىق سىزىقىدا ھايات كەچۈرمەكتە

ئىران مەھر خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان ھالدا بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى خەۋەر قىلدى.

681589
ئىراندا 11 مىليون ئادەم ئاچلىق سىزىقىدا ھايات كەچۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مەھر خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىراندا 11 مىليون ئادەمنىڭ ئاچلىق سىزىقىدا ياشاۋاتقانلىقى، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خۇمەينى ياردەم كومىتېتى باشلىقى ئىمام پەرۋىز فەتتاھنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خۇمەينى ياردەم كومىتېتى باشلىقى پەرۋىز فەتتاھ، ئىراندىكى ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 812 مىڭ تۈمەن (700 تۈركىيە لىراسى ئەتراپىدا) ئىكەنلىكىنى، بۇ مائاشنى ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشتىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

812 مىڭ تۈمەننىڭ پەقەت 8 كۈنلۈك تۇرمۇشقا يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پەرۋىز فەتتاھ، تۆۋەن مائاش ئالغۇچىلارنىڭ بۇ پۇل بىلەن 30 كۈنىنى قامداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىران ياردەم كومىتېتىمۇ، تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۈچۈن كېرەكلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىراندا تۆۋەن مائاشنىڭ سىرتىدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش 700 تۈركىيە لىراسى، ئەڭ يۇقىرى مائاش بولسا، 14 مىڭ تۈركىيە لىراسىغا تەڭ كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر