«ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى رولى ھەقىقەتەن چوڭ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى رولىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

681332
«ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى رولى ھەقىقەتەن چوڭ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەشكىلاتنىڭ بۇ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ چوقۇم ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ پاكىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ناھايىتى ھالقىلىق پەيتتە چاقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چاۋۇشئوغلۇ دەسلەپكى قەدەمدە رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ئەھدىنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى لازىملىقىنى قەيت قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى زېممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەرەققىيات لايىھەلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «رايوننىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قۇرۇلمىلىق ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.»

باش مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رايونلۇق قاتناش سىستېمىلىرىنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۆتۈش كارىدورلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەسىلىسىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئۆتۈش ئېغىزلىرى قاتناش كېلىشىمىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىش ۋە ئىسلامئاباد-تېھران-ئىستانبۇل قاتناش كارىدورىنى تاماملاش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

رايوننىڭ ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ بايلىقلارنى خەلقئارا بازارلارغا يەتكۈزۈش خىزمىتىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكلەرگە، مول تارىخىي جۇغلانمىلارغا ۋە مەدەنىيەت خىلمۇ خىللىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مول تەجرىبىلىرىنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىلدىكى نىشانىنى قوبۇل قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىپ، كەڭ دائىرلىك ۋە پايدىلىق ئىسلاھات مۇساپىسىنىڭ تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر