ئۆكتچىلەر ئەسەدنىڭ 22 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىغا ئورتاق ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاۋار كىلىس ھەربىي ھەرىكەت مەركىزى، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

680500
ئۆكتچىلەر ئەسەدنىڭ 22 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئەلباب ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەسەد كۈچلىرى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق 22 ئەسكەر ئۆلدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىغا ئورتاق ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاۋار كىلىس ھەربىي ھەرىكەت مەركىزى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، توقۇنۇشنىڭ ئەلباب ناھىيەسىگە قاراشلىق تادىف بازىرى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەلباب تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ناھىيەدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى جەنۇبتىكى تادىف بازىرىغا چېكىنگەن، ئارقىدىن بازارنى توقۇنۇشماستىنلا ئەسەد كۈچلىرىگە تاشلاپ بەرگەنىدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ئارىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەلبابنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئەبۇ زەيدىن يېزىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر