تالىباننىڭ «ئاتالمىش ۋالىيسى» نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئافغانىستانغا شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىگە قىلىنغا ھاۋا ھۇجۇمىدا، تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ئۆلتۈرۈلدى.

680894
تالىباننىڭ «ئاتالمىش ۋالىيسى» نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇزدا تۇرۇشلۇق 808- نومۇرلۇق سپىنزېر رايونى قوماندانى شىرئەزىز كاماۋال، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ قۇندۇزنىڭ دەشتى ئارچى ناھىيەسىگە قاراشلىق نەھرى كوھنا رايونىدىكى تالىبان لاگېرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا تەشكىلاتنىڭ قۇندۇز رايونى ۋالىيسى مەۋلەۋى ئابدۇسسالامنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن كاماۋال، ئابدۇسسالام بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ قېرىندىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كارماۋال يەنە، قۇندۇزنىڭ بۇز قانداھارى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدىمۇ 7 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تالىبان، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر