فىرانسىيەنىڭ نانتېس شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى

فىرانسىيەنىڭ نانتېس شەھىرىدە رادىكال مىللەتچىلكنى ياقلاپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلىك فىرونت پارتىيەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

680094
فىرانسىيەنىڭ نانتېس شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان نانتېس شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى.

رادىكال مىللەتچىلكنى ياقلاپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلىك فىرونت پارتىيەسىنىڭ يىغىلىشىدىن ئىلگىرى، شەھەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار پارتىيە باشلىقى ۋە يېقىنلىشىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىدىن مارىن لې پېننىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.

پىرېزىدېنت نامزاتى مارىن لې پېنغا سايلامدىن ئىلگىرى سوت مەھكىمىسىدىن  شۇم خەۋەر كەلدى.

مارىن لې پېننىڭ دوستلىرىدىن بىرى ئالدىنقى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە خىيانەتچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇلدى، پىرېزىدېنت نامزاتى مارىن لې پېنمۇ پارتىيە خادىملىرىغا دۆلەت راسخوتىدىن مائاش ئاجرىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى.

فىرانسىيەدە پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا،  ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان رادىكال مىللەتچى مارىن لې پېننىڭ، فىرانسىيەدىكى سايلامنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر