خىتاي – ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا خوڭكوڭ دوكلاتى توغرۇلۇق سۈركىلىش يۈز بەردى.

679962
خىتاي – ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «6 ئايلىق خوڭكوڭ دوكلاتى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، لوندون ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ خىتاينىڭ «ئالاھىدە رايونى» بولغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدا «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» نى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېڭ، خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە چەت ئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن گېڭ،  لوندون ھۆكۈمىتىدىن بۇنداق دوكلاتلارنى ئېلان قىلماسلىقىنى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان «6 ئايلىق خوڭكوڭ دوكلاتى» دا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق  ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىدە تەنقىد قىلىنغانىدى.

ئەنگلىيە خوڭكوڭ خىتايغا قايۇتۇرۇپ بېرىلگەندىن بۇيانقى 20 يىل ئىچىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان 40 دوكلات ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر