تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاھوردىكى بىر رېستوراندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

679247
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ لاھوردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز.»

باياناتتا، باش مىنىستىر يىلدىرىم بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى نااۋاز شېرىف رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان 5 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – پاكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان ئورتاق باياننامىدىمۇ تەكىتلەنگىنىدەك، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ پاكىستان خەلقىنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرى ۋە دەرد – ئەلەملىرىنى چىن دىلىدىن ئورتاقلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەندى.

تۈنۈگۈن لاھورنىڭ ئاۋات رايونىدىكى بىر رېستوراندا مەيدانغا كەلگەن ۋە «گېنېراتور پارتلىشى» تەرىقىسىدە ئۇقتۇرۇلغان ۋەقەدە 8 كىشى ئۆلگەن، 21 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر