دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەلبابتىكى ھۇجۇمىدا 47 ئادەم ئۆلدى

سۈرىيەنىڭ ئەلباب شەھىرىنىڭ شىمالىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كۆپىنچىسى پۇقرا بولۇپ جەمئىي 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

679335
دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەلبابتىكى ھۇجۇمىدا 47 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلارنىڭ سۇسيان يېزىسىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قارارگاھىغا يېقىن جايدا قىلغان ھۇجۇمىدا يەنە 60 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. قارارگاھقا كىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان تېررورچىلار ئاپتوموبىل بومبىنى پۇقرالارنىڭ ئارىسىدىلا پارتلاتتى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە بولسا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يارىدارلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ ۋە كىلىستىكى دوختۇرخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، تۈنۈگۈن ئەلباب ناھىيەسىنىڭ مەركىزىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنا ۋە باشقا بومبىلارنى تازىلاش خىزمىتىنى باشلىغانىدى.

 

 


خەتكۈچ: #دائېش , #ئەلباب

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر