ئەردوغان بىلەن ترامپ يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ مايدا يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.

678841
ئەردوغان بىلەن ترامپ يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مارت ئېيىدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، مايدا ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كېلەر ئاي رۇسىيەدە چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – رۇسىيە ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «مايدا ناتو باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلىدۇ، يىغىنغا جۇمھۇر رەئىس ئالىيلىرىمۇ قاتنىشىدۇ، يىغىن ھارپىسىدا ئەردوغان ترامپ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر