پاكىستان يەنە بىر قېتىم قانلىق ھۇجۇمغا سەھنە بولدى

پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبا ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئۆلدى ۋە 21 ئادەم يارىلاندى.

678663
پاكىستان يەنە بىر قېتىم قانلىق ھۇجۇمغا سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبا ھۇجۇمىدا 8 ئادەم ئۆلدى، 21 ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەن قەھۋەخانىلار ۋە بانكا شۆبىلىرى جايلاشقان رايون كارانتىن ئىچىگە ئېلىندى.

پەنجاپ ئۆلكىلىك ساقچى تارماقلىرى پارتلاشتىن كېيىن، پارتلاشقا توك چىقىرىش ماتورىدا كۆرۈلگەن كاشىلىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پارتلاشقا بىر ئاشخانىغا قويۇپ قويۇلغان سائەتلىك بومبىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئېنىقلاندى.

پاكىستاندا يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردا 130 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر