كانادالىق ئاياللار مۇسۇلمانلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ياغلىق چېگىدۇ

كانادالىق بىر گۇرۇپپا ئايال ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنى قوللاش مەقسىتىدە ئۇدا بىر ئاي ياغلىق چېگىدۇ.

678709
كانادالىق ئاياللار مۇسۇلمانلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ياغلىق چېگىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاندانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2014 – يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا ياغلىق كۈنى پائالىيىتى ئالبېرتا ئۆلكىسىگە قاراشلىق فورت مېكمارى شەھىرى ئاھالىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.

دۇنيا ياغلىق كۈنى پائالىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى قىران مالىك خان بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان كانادالىق 7 ئايالنىڭ ياغلىق چېگىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ <ياغلىق قېرىنداشلىقى> تېمىلىق پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇشنى تەلەپ قىلىشىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۇق. ئۇلار ياغلىق چېگىشنى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا باشلىدى، ئۇدا 30 كۈن داۋاملاشتۇرىدۇ. ياغلىق دىنىي سىمۋول بولغانلىقتىن، كانادالىق 7 ئايالغا ئۇدا 30 كۈن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەر توغرىلىقمۇ مەلۇمات بەردۇق. ئاياللارنىڭ نېمىشقا ياغلىق چېگىدىغانلىقى ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئىزاھات بەردۇق. بۇ بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەدە بەردى.»

يەنە بىر تەرەپتىن،  فورت مېكمارى شەھىرىدە دۇنيا ياغلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت جەريانىدا يۈزلەرچە ئايال مۇسۇلمانلارنى قوللىدى.

ئائىلىلەر زىيارەت قىلغان پائالىيەتتە ئاياللار ۋە قىز بالىلارغا ياغلىق چەگدۈرۈپ قويۇلدى، ھەمدە ئۇلارغا ئىسلام ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

كانادالىق بەزى ئاياللار ياغلىق سېتىۋالدى، بەزىلىرىگە بولسا ياغلىق ھەدىيە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر