گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېنادا ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

677390
گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېناغا يىغىلغان تەخمىنەن 10مىڭ نامايىشچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر پىلانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىشچى، ئۇششاق تىجارەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ نۇرغۇن كىشى پارلامېنت جايلاشقان سىنتاگما مەيدانىغا يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار «قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بويۇن ئەگمەيمىز»دەپ شوئارلار توۋلاشتى.

تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان نامايىش ئۈچۈن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى.

شەھەر مەركىزىدىكى يوللار قاتناشقا توسۇۋېتىلدى.

ئۈچىنچى قېتىملىق قۇتقۇزۇش پىلانى دائىرىسىدە ئىسلاھات  پىلانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش باسقۇچى گىرېتسىيە مەسئۇللىرى ۋە ياۋرو گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن تولۇق ئاخىرلاشمىدى.

خەلقئارا قەرز بەرگۈچىلەر قۇتقۇزۇش پىلانى بەدىلىگە گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن پىنسىيە مائاشلىرىنى قىسقارتىش، باجنى ئۆستۈرۈش ۋە مالىيە تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

مۇزاكىرىلەردە ئىختىلاپ مەسىلىلىرىدىن بىرىنىڭ كوللېكتىپ خىزمەت كېلىشىملىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن چىقىرىۋېتىش رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان خىزمەت بازىرى ئىسلاھات مەسىلىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر