خىتاي ئامېرىكىنى سودا ئۇرۇشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

دونالد ترامپ خىتاينى پۇل قىممىتىنى قەستەن تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تىجارەتتە ناھەق رىقابەت شەكىللەندۈرۈش ھېلىسىنى ئىشقا سالغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ جەھەتتە خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

677057
خىتاي ئامېرىكىنى سودا ئۇرۇشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئامېرىكا بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سودا ئۇرۇشىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گاۋ خۇچىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايدىن ئېمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا باجنى ئاشۇرۇش ھەققىدىكى باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

گاۋ خۇچىڭ سودا ئۇرۇشى دېگەندەك سۆزلەرنىڭ بىر تاللاش بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇزاكىرە ۋە دېيالوگ يولى ئارقىلىق پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گاۋ خۇچىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان سودا يېرىكچىلىكىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا خىتايدىن ئېمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا  باجنى %40 گىچە ئۆرلىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. 

دونالد ترامپ خىتاينى پۇل قىممىتىنى قەستەن تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تىجارەتتە ناھەق رىقابەت شەكىللەندۈرۈش ھېلىسىنى ئىشقا سالغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ جەھەتتە خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر