بېلگىيە مەھكىمىسى قاچقۇن تېررورچى فەخرىيە ئەردالنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
بېلگىيە براگى ئېغىر جازا مەھكىمىسى، قاچاق ھالىتىدە سوتلانغان DHKP-C تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى فەخرىيە ئەردال ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.
676010
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە براگى ئېغىر جازا مەھكىمىسى، قاچاق ھالىتىدە سوتلانغان DHKP-C تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى فەخرىيە ئەردالغا تۈركىيەدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرى يۈزىسىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 10 يىل بويىچە سىياسىي ۋە مەمۇرىي ھەق – ھوقۇلىرىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بەردى.
1996 – يىلى سودا – سانائەتچى ئۆزدەمىر سابانجى سۇيىقەستىگە ئارىلاشقاندىن كېيىن چەت ئەلگە قاچقان فەخرىيە ئەردال، 1999 – يىلى يالغان پاسپورت بىلەن بېلگىيەدە قولغا چۈشۈپ قېلىپ سوتلانغان، بىراق، كېيىنچە بىر ئۆيدە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە قېچىپ كەتكەنىدى.
ئۆزى يوق ھالەتتە سوتلانغان ئەردالنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم.