پايتەخت كوپېنھاگېندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ھۆكۈمەتنىڭ ئىرقچىلىقنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

675396
پايتەخت كوپېنھاگېندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېنىڭ غەربىگە جايلاشقان بىروندباي ستراند رايونىدىكى ئاھالىلەر، رايوندا كۆچمەنلەرنىڭ پوچتا ساندۇقلىرىغا تاشلاپ قويۇلغان ئىرقچىلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋاراقچىلار  بىلەن پارلامېنتا قوبۇل قىلىنغان غەربلىك بولمىغانلارنىڭ دانىيەلىك قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بىروندباي رايونىغا جايلاشقان ۋە دانىيەدە كۆچمەن نوپۇسنىڭ ئېتنىك دانىيەلىك نوپۇستىن كۆپ بولغان 2 رايوندىن بىرسى بولغان بىروندباي ستراندتا، «ھەممىمىز ئوخشاش دانىيەلىكمىز»دېگەن شوئارلار توۋلانغان نامايىشقا يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى.

مەدەنىيەت مەركىزى ئالدىغا يىغىلغان رايون خەلقىنى بىروندباي رايون باشلىقى كەنت ماكس ماگېلۇند ۋە يەرلىك سىياسەتلەرمۇ قوللىدى.

نامايىشنىڭ ئاخىرىدا ئاۋتلەندىش مۇزىكا ئەترىتىدىن ئىسام باچىرى نومۇر قويغان بولسا، نامايىشقا دانىيە تاراتقۇلىرىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر