مۇسۇلنىڭ غەربىنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغالدى

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ غەربىنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

675395
مۇسۇلنىڭ غەربىنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ غەربىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى، مۇسۇلنىڭ غەربىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن رەسمىي ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىدە شەھەرنىڭ غەربى ئۆتكەن ھەپتە دائېشتىن تازىلانغانىدى.

مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، ئىراق ئارمىيەسى،  پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشىقا ھەربىي بازىسىدا تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى بۇلتۇر 17-ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر