مىنىستىر ئىشىق: ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى باشلىقى جوسېف دۇنفوردنىڭ بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

674242
مىنىستىر ئىشىق: ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى باشلىقى جوسېف دۇنفوردنىڭ بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار بىلەن ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىشنىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپىنىڭ «سۈرىيە مەسىلىسى» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىكرى ئىشىق، تۈركىيە  بىلەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ راققە ھەربىي ھەرىكىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش – بارماسلىق توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇنىڭغا تېخنىكىلىق خىزمەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قارار قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىشىق، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ توغرىسىدىكى ئېتىرازىمىزنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمدەم بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەلبابتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا توختالغان مىنىستىر فىكرى ئىشىق، «بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى مۇھىم نىشانىمىز بار؛ بىرى مۇنبىچ، يەنە بىر راققە» دېدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA باشلىقى مايك پومپېئو تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەگە قاراتقان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا، پ ي د / ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر