باش مىنىستىر يىلدىرىم مالتادا

مالتا باش مىنىستىرى جوزېف مۇسكاتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان باش مىنىستىر يىلدىرىم پايتەخت ۋاللېتتاغا يېتىپ باردى.

674252
باش مىنىستىر يىلدىرىم مالتادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىمنى ئايرودۇرۇمدا مالتا قاتنىاش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مىنىستىرى جو مىززى بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋاللېتتا باش ئەلچىسى رەھا كەسكىنتەپە ۋە باشقا دائىرىلەر قارشى ئالدى.

زىيارەت ھەيئىتى بىنالى يىلدىرىمنىڭ رەپىقىسى سەمىھە يىلدىرىم، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل كايا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ياشلار ۋە تەرتەربىيە مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، مائارىپ مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

باش مىنىستىر يىلدىرىم مالتا باش مىنىستىرى مۇسكات بىلەن كۆرۈشۈشتىن سىرت يەنە، پىرېزىدېنت مارىئې لوئىزې كولېرو پرېكا تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنى ئۇچراشتۇرىدىغان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، مالتانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى دائىرىسىدە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

يىلدىرىم مالتاغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا بەرگەن باياناتىدا، مالتانىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مالتانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز.»

تۈركىيە بىلەن مالتانىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن يېقىنلىقى ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، تۈرك كارخانىچىلارنىڭ مالتادا پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە مەبلەغ سالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «زىيارەت جەريانىدا چاقىرىلىدىغان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر