ب د ت سومالىدىكى ئاچلىق ئاپىتى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

سومالى خەلقىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

674855
ب د ت سومالىدىكى ئاچلىق ئاپىتى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سومالىدا چېكىدىن ئاشقان قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن 6 مىليون 200 ئىنساننىڭ ئاچلىق ئاپىتى تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ب د ت خەلقئارا ئۇزۇقلۇق پىروگراممىسى جەمئىيىتى بىلەن ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، سومالىدا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇزۇقلۇق مەنبەلىرىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك يوقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقى ۋە ھايۋانلارنىڭمۇ ئۆلۈشكە باشلىغانلىقى تەكىتلەندى. پۈتۈن دۇنيانىڭ سومالى خەلقىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى. 

سومالى نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان 6 مىليون 200 مىڭ ئىنساننىڭ ئاچلىق ئاپىتى تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، سومالىدا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان كەڭ كۆلەملىك ئېغىر ئاپەتنى پەقەت جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەم سەپەرۋەرلىكى سايىسىدىلا توسۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ب د ت خەلقئارا ئۇزۇقلۇق پىروگراممىسى جەمئىيىتى بىلەن ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ سومالى خەلقىنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىيالىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 450 مىليون دوللارلىق فوندقا ئېھتىياجى بارلىقى جاكارلاندى. بۇ پۇل بىلەن قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۈچرىغان يۈز مىڭلىغان ئىنسانغا يېمەك – ئىچمەك ۋە سۇ يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر