تالىباننىڭ پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئافغانىستاندا 52 پۇقرانى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى.

673106
تالىباننىڭ پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۈزجان ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى رېزا غەفۇرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان پۇقرالارنىڭ دەرزاب ناھىيەسىنىڭ چەھل باند ۋە چارىساي رايونلىرىدا ئېتىزلىقلىرىغا كېتىۋاتقان دېھقانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى رېزا غەفۇرى، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان پۇقرالارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى، ئەمما دېھقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر