رادىيو دىكتورى نەق مەيدان پىروگراممىسىدا ئۆلتۈرۈلدى

ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سىتۇدىيوغا كىرگەنلىكىنى كۆرگەن دىكتور مېدىنا تەمكىنلىكىنى بۇزماستىن، خەۋەر ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى، بىراق ھەيران قالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

673054
رادىيو دىكتورى نەق مەيدان پىروگراممىسىدا ئۆلتۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە رادىيو دىكتورى لۇئىس مانۇئېل مېدىنا فەيسبۇكتا نەق مەيداندىن خەۋەر تارقىتىش بېرىۋاتقان پەيتتە ئۆلتۈرۈلدى.

بۇ ھەممىنى چۆچۈتكەن ۋەقە، سانپېدرو دې ماكورىس شەھىرىدە بىر سودا ساراينىڭ ئىچىدىكى رادىيو ئىستانسىسىدا يۈز بەردى.

مېدىنا رادىيوغا سۇنغان خەۋەرلەرنى فەيسبۇك ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقان ئەسنادا سىتۇدىيوغا بېسىپ كىرگەن قوراللىق بىر كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. 

ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سىتۇدىيوغا كىرگەنلىكىنى كۆرگەن دىكتور مېدىنا تەمكىنلىكىنى بۇزماستىن، خەۋەر ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى، بىراق ھەيران قالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

ئارقا تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ، «ئوق ئېتىۋاتىدۇ! ئوق!» دەپ توۋلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ مېدىناغا ئوق تەگدى.

ۋەقەدە، پروگرامما دىرېكتورى ۋە رادىيونىڭ باشلىقى لېئو مارتىنېزغىمۇ ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. رادىيونىڭ كاتىپى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دايابا گارجىيا يارىدار بولدى.

ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى، ساقچىلار ۋەقەگە چېتىشلىق 3 كىشىنى قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر