ئەسەد قىسىملىرى ھەلەبكە  8 قېتىم خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا سىستېمىلىق ھالدا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە ئالاقىدار دوكلات تەييارلاندى.

672120
ئەسەد قىسىملىرى ھەلەبكە  8 قېتىم خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىل 17 – نويابىردىن 13 – دېكابىرغىچە بولغان جەرياندا ئاز دېگەندىمۇ 8 قېتىم خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ھەققىدە شاھىتلار بىلەن يۈزمۇ يۈز ۋە تېلفون ئارقىلىق كۆرۈشۈش ھەمدە فوتو – سۈرەت، ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى جەملەش ئارقىلىق دوكلات تەييارلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا قوزغىلاڭچىلارغا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

خىلۇر گازى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملاردا 4 كىچىك بالا بىلەن قوشقاندا 9 نەپەر گۇناھسىز پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى تەخمىنەن 200 گە يېقىن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر