ئەبۇ بەكىر باغدادى يىغىن ئىچىۋاتقان بىنا پاچاقلاپ تاشلاندى

ھۇجۇمدا ئۇجۇقتۇرۇلغان 13 دائېش قوماندانىنىڭ ئىسىملىرى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

671749
ئەبۇ بەكىر باغدادى يىغىن ئىچىۋاتقان بىنا پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ سۈرىيەدىن ئىراققا ئۆتكەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن، ئىراق ئارمىيەسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئىراقنىڭ غەربىدە ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ بىر گۇرۇپپا تېررورلۇق تەشكىلاتى قوماندانلىرى بىلەن يىغىن ئۈستىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات قولغا چۈشۈرۈلدى.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتقا ئاساسەن يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بىنا پاچاقلاپ تاشلاندى.

 «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن 13 كىشى ئۇجۇقتۇرۇلدى. 

ئۇجۇقتۇرۇلغان دائېش قوماندانلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئېنىقلاپ چىقىلدى. بىراق، ئەبۇ بەكىر باغدادىنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر