دائېشنىڭ 26 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پاناھجاي ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان 41 بىناسى، 1 ئاپتوموبىل بومبا ۋە 1 قوماندانلىق مەركىزى پاچاقلاپ تاشلاندى.

671860
دائېشنىڭ 26 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، بۇ قېتىم تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 26 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلىنىپ 175 – كۈنىگە قەدەم قويدى. تۈركىيە ئارمىيەسى ئەلبابتىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 

قۇرۇغلۇقتىن توپ ۋە باشقا زەمبىرەكلەر بىلەن 135 نىشانغا ۋە ھاۋادىن 43 نىشانغا ھۇجۇم قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم دائىرىسىدە تېررورچىلارنىڭ پاناھجاي ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان 41 بىناسى، 1 ئاپتوموبىل بومبا ۋە 1 قوماندانلىق مەركىزى پاچاقلاپ تاشلاندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر