«ئىراق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق توقۇنۇشلارنىڭ سىرتىدا قېلىشى كېرەك»

ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئىبادى ئىراقنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ چوقۇم سىرتىدا قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

670468
«ئىراق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق توقۇنۇشلارنىڭ سىرتىدا قېلىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئىبادى ئىراقنىڭ رايونلۇق ياكى خەلقئارالىق توقۇنۇشلارنىڭ سىرتىدا قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبادى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىراقنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ بۇنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئىبادى  ئىراقنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ ئىراق ۋە رايوندا ئېغىر پالاكەتلەرگە سەۋەب بولىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ سىرتىدا قېلىشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق باش مىنىستىر ئىبادى بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.

ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ئىراننىڭ رايونغا بولغان تەھدىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئىراقتا 5000 ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر