ترامپ ئۇ ئۆتكەلدىن يەنە ھالقىيالمىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دائىرىلىرىنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

669545
ترامپ ئۇ ئۆتكەلدىن يەنە ھالقىيالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي سوت، ترامپنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان بولغان 7 دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارنامەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختىتىپ قويغان تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈردى ۋە 7 مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ «ۋىزىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ» ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى، شۇنداقلا 90 كۈن بويىچە ۋىزا بېرىلمەسلىكىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامەسىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

سوت كوللېگىيەسىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈمنامىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەقەززا قىلغان سەۋەبلەرنى ئىزاھلايدىغان ھېچقانداق پاكىت سۇنمىغانلىقى تەكىتلەندى.

دونالد ترامپ ئالىي سوتنىڭ قارارىغا تۋىتتېر ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە «سوتتا كۆرۈشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىدا» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمنامىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سونىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ دونالد ترامپ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن يېڭى باشلىقى نېيل گورساچ، ترامپنىڭ ئەدلىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە «كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرىدىغان سۆزلەر» دەپ باھا بەردى. يۇقىرى سوت مەھكىمىسى كوللېگىيەسى نۆۋەتتە تۆتى لىبېرالىست، تۆتى كونسېرۋاتىپ بولۇپ جەمئىي 8 ئەزادىن تەشكىل تاپىدۇ.

سوتچى نېيل گورساچ، تېخى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشالمايدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىنىڭ يۇقىرى سوتتىمۇ 4 كە قارشى 4 ئاۋاز بىلەن توختاپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىمۇ ئەسكەرتىلمەكتە.

بۇ جەرياندا، ۋاشىنگتون ئىشتاتلىق باش تەپتىشى روبېرت فېرگۇسون ترامپقا خىتاب قىلغان ھالدا، مۇسۇلمان 7 دۆلەت پۇقراسىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارنامەسىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، «پىرېزىدېنت، دۆلەت مىقياسىدا قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولغان، ئالدىراپلا يېزىلغان بۇ خەتەرلىك قارارنەمىنى بالدۇرراق قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنى رەت قىلىدىغان بولسا، ئۇنى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا جاۋابكار، دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.

فېرگۇسون، پىرېزىدېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچبىر كىشىنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن تۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر