ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ رەفاھ رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

668687
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ھۇسام ئەسسۇفى (24) ۋە مۇھەممەد ئەنۋەر ئەلئەقرە (38) ئىسىملىك ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا غەززە – مىسىر ئارىسىدىكى بىر تونېلنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر