ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتتى

ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۇنياغا كەلگەن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون، ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتتى.

668778
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن چىقىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جونسوننىڭ ئىسمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ھەر يىلى 4 قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان «پۇقرالىقتىن چىقىپ كېتىشنى تاللىغۇچىلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 5411 كىشىلىك تىزىملىكتە باش ئىسمى قوشۇلۇپ «ئالېكساندر بورىس جونسۇن» دەپ ئورۇن ئالغان ئەنگلىيەلىك ۋەزىرنىڭ، ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ئۆتكەن يىلى ۋاز كەچكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

نيۇ يوركتا دۇنياغا كېلىپ 5 يېشىغىچە ئامېرىكىدا ياشىغان جونسون، ئۆتكەن يىللاردا ئامېرىكا پۇقرالىقى ئېلىپ كەلگەن باج تاپشۇرۇش بېسىمدىن شىكايەت قىلغانىدى. جونسون، 2014 – يىلى شىمالىي لوندوندىكى ئۆيىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن قويۇلغان باجنى جامائەتچىلىك ئالدىدا ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭغا «ئېغىر» دەپ باھا بەرگەنىدى.

جونسون، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى (1299 – 1922) نىڭ دامات فەرىت پاشا ھۆكۈمىتىدە مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەلى كەمال بەگنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، 1964 – يىلى نيۇ يوركتا دۇنياغا كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر