بېيجىڭ، خىتاي تەۋەلىكىگە كىرىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىشنى قارار قىلدى

خىتاي، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دۆلەتكە كىرىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىشنى قارار قىلدى.

668909
بېيجىڭ، خىتاي تەۋەلىكىگە كىرىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، تاموژنا ئېغىزلىرىدا دۆلەتكە كىرىدىغان 14 ياشتىن يۇقىرى 70 ياشتىن تۆۋەن پۈتكۈل چەت ئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى، يېڭى تۈزۈمنىڭ ئەتىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شېنجېن باۋئەن ئايرودۇرۇمىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دىپلوماتىك پاسپورتى بارلار بىلەن مۇئاۋىن مىنىستىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئەمەلدارلار رىياسەتچىلىك قىلغان رەسمىي ھەيئەتلەر بولسا، بارماق ئىزى ئېلىش تۈزۈمىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايغا كىرىدىغان چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ سانى 2000 – يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئوتتۇرىچە %10 ئاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر