سەرراج بۈگۈن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى فائىز مۇستاپا سەرراج، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

667680
سەرراج بۈگۈن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەرراجنىڭ زىيارەت دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، لىۋىيە بىلەن يېقىن قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق رىشتىسى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، لىۋىيەدىكى سىياسىي مۇساپە توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر