لاتۋىيە ئامېرىكىدىن كېيىن چېگراسىنى تام بىلەن قوغدىماقچى بولغان ئىككىنچى دۆلەت

لاتۋىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەرنىڭ رۇسىيە ئارقىلىق كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە 276 كىلومېتىرلىق چېگراغا تام سېلىشقا تەييارلاندى.

666367
لاتۋىيە ئامېرىكىدىن كېيىن چېگراسىنى تام بىلەن قوغدىماقچى بولغان ئىككىنچى دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتۋىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، لاتۋىيەدە رۇسىيە چېگراسىنى پۈتۈنلەي تام بىلەن ئېتىۋېتىش پىلانىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى بولغان 23 كىلومېتىرلىق تام قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقان. مۇشۇ يىل ئىچىدە چېگرانىڭ 60 كىلومېتىرلىق قىسمى تىكەنلىك سىم بىلەن توسۇش قۇرۇلۇشى باشلىنىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا 6.3 مىليون ياۋرو ئاجراتقان.

لاتۋىيە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى سېكرېتارى يېۋگېنىيا پوزىنياك رۇسىيە چېگراسىدىكى تەبىئىي توسۇقلار بولمىغان 193 كىلومېتىرلىق لىنيە بويىچە ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان تام سېلىش ۋە بۇنى 2019-يىلى تاماملاشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېستونىيەمۇ 100 كىلومېتىرلىق رۇسىيە چېگراسىغا ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر كېلىدىغان تام سالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلۇشنى 2018-يىلى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىش پىلانى، بۇ خىلدىكى لايىھەلەرنىڭ كۆچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ-قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر