دونالد ترامپ ئۇكرائىنا ۋە ئىتالىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا ۋە ئىتالىيە رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشتى.

665534
دونالد ترامپ ئۇكرائىنا ۋە ئىتالىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى پاۋلو گېنتىلونى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ترامپ بىلەن پوروشېنكو ئۇكرائىنا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە دونباس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە كېڭەشتى.

پوروشېنكو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتى بىلەن ھەر سەۋىيەدە دىئولوگنى كۈچەيتىشنى ياقلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كىيىۋ دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پوروشېنكونىڭ ئاقسارايغا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاقساراي تەرىپىدىنمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چېگىرالاردا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى»ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

دونالد ترامپ ئىتالىيە باش مىنىستىرى پاۋلو گېنتىلونى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر لىۋىيەدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق، مۇساپىرلار دولقۇنى ۋە مايدا ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ-7 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلىشتى.

ئاقساراينىڭ باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ دائېش ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىمۇ بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر