ئەردوغان: «ئىسلامىي تېررور» ئىپادىسى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر ئاتالغۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «ئىسلامىي تېررور» ئىپادىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

664440
ئەردوغان: «ئىسلامىي تېررور» ئىپادىسى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر ئاتالغۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مېركېلنىڭ «ئىسلامىي تېررور» ئىپادىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ بىر ئىشنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ. خەلقىم بۇنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشى بولۇشى مۇمكىن. باش مىنىستىر مېركېلگىمۇ ئېيتتىم. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سەۋەبىدىن <ئىسلامىي تېررور> ئاتالغۇسىنى ئىشلەتسەك، بۇ بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر ئاتالغۇ بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام بىلەن تېررورنىڭ بىر يەرگە جەم بولالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام ئىبارە جەھەتتىن <تىنچلىق> دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا قانداقتۇر <ئىسلامىي تېررور> دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىكىمىز لازىم. ئەگەر بۇنداق ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەن ھامان بىزنىڭ دەرھال بۇنىڭغا قارشى چىقىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، ئەگەر بىز سۈكۈت قىلساق، بۇ ئاتالغۇ ئومۇملىشىپ قالىدۇ. مەن مۇسۇلمان بىر جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمەن. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بىزگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان  ئىككىنچى بىر دۆلەت يوق. ھەممە ئېغىزلىرىدا كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بىز بولساق ئەمەلىي كۈرەش قىلىۋاتىمىز، بۇ كۈرەشنى غەلىبە بىلەن تاماملاش ئىرادىمىزمۇ قەتئىي.»

جۇمھۇر رەئىس گېرمانىيەنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ بۇ ئۇنسۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا  ھەم ئىتتىپاقداشمىز ھەم دوستمىز. بىرقاتار قارارلارنى چىقىرىپ ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلساق ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. پ ك ك مۇ، پ ي د مۇ، ي پ گ مۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ ئوخشاشلا تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر.»

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، خائىنلارچە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، ھەر ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان سۈرىيە ۋە ئىراق مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ توختالدۇق. كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەدىسىدە تۇرۇپ، تۈركىيەنى داۋاملىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.»

مېركېل 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا بومبىلانغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىمۇ زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر