شەرقىي ئۇكرائىنادا سۈركىلىش ئۇلغىيىپ كەتتى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسىدە توقۇنۇشلار قايتىدىن ئەۋج ئالدى.

663211
شەرقىي ئۇكرائىنادا سۈركىلىش ئۇلغىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇس بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشقا سالغان توقۇنۇشىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى؛ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدە 8 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، پۇقرالارنى قوشقا توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 كە يەتتى.

دونېتىسكى رايونى تەۋەلىكىدىكى ئاۋدېيېۋكا شەھىرىنىڭ ئىسسىتىش سىستېمىسى بومباردىمان نەتىجىسىدە كاردىن چىقتى. خەلق نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇس بولۇۋاتقان سوغۇق ھاۋادا ھاياتتا قېلىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

توقۇنۇشلارنىڭ ئەۋجىگە چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو گېرمانىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختاتتى.

كىيېۋ دائىرىلىرى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر