ب د ت، سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى
ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىستېفان دې مىستۇرا، شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 8 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
663139
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىستېفان دې مىستۇرا، شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 8 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سۇرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ 20 – فېۋرالغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مىستۇرا، تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىلتىماس سۇنغانىدى.
سۈرىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىياد ھەددادمۇ، مىستۇرانىڭ سۆھبەتلەرنى فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلۈشى توغرىسىدا ئۆزى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
ب د ت سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى مىستۇرا، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ جەنۋەدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.