خەلقئارا دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان چەكلىمىسىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى

خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

662434
خەلقئارا دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان چەكلىمىسىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ساياھەت چەكلمىسىگە دۇنيا رەھبەرلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

ترامپنىڭ ئىراق، سۈرىيە، ئىران، سۇدان، لىۋىيە، سومالى ۋە يەمەن پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىشى ۋە ئامېرىكا مۇساپىرلار پىروگراممىسىنىڭ 120 كۈن توختىتىپ قويۇلۇشىغا دۇنيا مىقىياسىدا نارازىلىقلار بىلدۈرۈلمەكتە.

لوندون ۋە بېرلىندىن جاكارتا ۋە تېھرانغىچە بولغان نۇرغۇن جايدا ھۆكۈمەتلەر دونالد ترامپنىڭ پەرمانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ باياناتلار ئېلان قىلدى.

بىرىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت يىغىنلىرىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىمزالىغان پەرماننىڭ سىياسىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە بىئارامچىلىق پەيدا قىلىدىغان تولىمۇ تالاش-تارتىشلىق سىياسەتتۇر. نورمال ھۆكۈمەت بۇنداق بىر سىياسەتنى يولغا قويمايدۇ.»  

لېكىن جونسون دونالد ترامپنىڭ بىرىتانىيە زىيارىتىنى ياقلاپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدېشىمىزنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنىڭ بىرىتانىيەنى زىيارەت قىلىشى نورمال ئىشتۇر، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. ھۆكۈمىتىمىز بۇنى قوللايدۇ.»

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن-مارك ئايرولت دۈشەنبە كۈنىدىكى تېھران زىيارىتىدە، دونالد ترامپنىڭ ئىران بولۇپ جەمئىي 7 مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىشىنى دەرھال بىكار قىلىشىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دونالد ترامپنىڭ پەرمانىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە جازالاش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى»ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئاگېنتلىقى مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان پەرماننىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەرماننىڭ «ئەندىشە پەيدا قىلىپ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى»نى دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بۇ ھەپتە ئاران  800دىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ ئامېرىكىنى ماكان تۇتۇپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق پارلامېنتى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىراققا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تەدبىرلەر ئالغان بولسىمۇ، بۇ تەدبىرلەر ۋە چەكلىمىلەرنىڭ كىمگە قارىتىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. شۇنداقلا ئىراق پارلامېنتىنىڭ قارارىنىڭ دائېشقا قارشى مۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ ھەمكارلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ياۋروپا كومىتېتى باياناتچىسى مارگارىتىس سىچىناسمۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرق، مىللەت ۋە دىن سەۋەبىدىن ئايرىمچىلىق قىلمايدۇ.»

مارگارىتىس سىچىناس 7 مۇسۇلمان دۆلەتتىن سىرت قوش پۇقرالىق سالاھىيىتى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ بۇ چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۇچرىمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە توختىلىپ، دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ 57 ئەزادىن تەشكىل تاپقان ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتىمۇ  پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئايرىمچىلىق سىياسىتىنىڭ رادىكال گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىگىلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تالاش-تارتىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاقساراي پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنى 15-فېۋرالدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دونالد ترامپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا يېقىنچىلىق قىلىپ يەكشەنبە كۈنى تېلېفونلاشقانىدى.

نېتانياھۇ بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەلىك پائالىيەتچىلەر ئامېرىكىنىڭ تېل-ئاۋىۋدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەكشەنبە كۈنى دونالد ترامپنىڭ كۆچمەنلەر چەكلمىسىنى ئەيىبلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر