تېكساستىكى ۋىكتورىيا ئىسلام مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى ۋىكتورىيا ئىسلام مەركىزى سەۋەبى ئېنىقسىز ئاپىتىگە ئۇچراپ، پايدىلانغانلىقى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

661233
تېكساستىكى ۋىكتورىيا ئىسلام مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېچە سائەت ئىككىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىگە بىرىنچى بولۇپ مەھەللىي ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى مۇداخىلە قىلدى.

ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن مەركەزنىڭ باشلىقى شاھىد ھاشىمى ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «بۇ بىر ئىبادەت قىلىش ئورنى ئىدى» دېدى.

ۋىكتورىيا ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇدىرى جېف كوۋان، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا گۇمانلىق ئەھۋال بايقالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئالاقىدار تارماقلار، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە بۇنىڭ بىر ئۆچمەنلىك جىنايىتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.

كۈن چىققاندىن كېيىن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان زىياننىڭ ھەجىمى ئوتتۇرىغا چىقتى؛ جامەنىڭ پۈتۈنلەي پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق جامەنىڭ ۋەيران بولۇپ كەتكەن فوتو - سۈرەتلىرىنىڭ تارقاتقان ۋىكتورىيا ئىسلام مەركىزى مەسئۇللىرى، فوتو – سۈرەتلەرنىڭ ئاستىغا «مېھرى – مۇھەببەت بىلەن قايتىدىن بەرپا قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر