ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تۈركىيەگە كەلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مەي باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى.

660901
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  باش ۋەزىر مەينىڭ ئەنقەرەدىكى تۇنجى بېكىتى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى بولدى.

باش ۋەزىر بۇ يەردە ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى ھەم ھۆرمەتتە تۇردى.

زامانىۋى تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ئۈچۈن ھازىرلانغان خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەي، «ئاتاتۈركنىڭ يۇرتتا تىنچلىق، جاھاندا تىنچلىق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

مېھمان باش ۋەزىر كېيىنچە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

مەي كېيىنچە چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر يىلدىرىم تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدۇ.

 ئۇچرىشىشتا، دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلقئارالىق كۈرەشتىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن قىبرىس مەسىلىسىگىچە، سودا ئىشلىرىدىن مۇساپىرلار مەسىلىسىگىچە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىلدىرىم بىلەن مەي كېيىنچە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئارقىدىن باش ۋەزىر چانكايا سارىيىدا شەرىپىگە بېرىىدىغان زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر