تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى.

660969
تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئافرىقىدا جاھانگىر كۈچلەردەك يېڭى بېقىندىلىق، كېڭەيمىچىلىك ۋە مۇستەملىكە مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا باراۋەرلىك، ئوچۇق – يورۇقلۇق ۋە ئىزچىللىققا ئاساسلىنىدىغان ھەمدە ئۆزئارا تەرەققىي قىلىش سىياسىتى  بولغان «سەنمۇ قازان، مەنمۇ قازىناي سىياسىتى» نى يولغا قويماقتا.

22 – 25 – يانۋار كۈنلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقىدىكى تانزاينىيە، موزامبىك ۋە ماداغاسقار قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت تۈركىيە 2015 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان «ئافرىقىغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەنقەرەنىڭ بىر پۈتۈن ھالىتىدە ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.

يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە دەسلەپتە باش مىنىستىر، كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس سەۋىيەسىدە ئافرىقا ئەللىرىگە 30 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت ئېلىپ باردى. بۇ زىيارەت ئافرىقىلىق بولمىغان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن رېكورت يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ زىيارەتلەر سايىسىدا ئافرىقا ئەللىرى بىلەن يېڭى مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلماقتا، تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا دائىر ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىئىينەزىرىنى شەكىللەندۈرمەكتە. تۈركىيە 2004 – يىلى 12 بولغان باش ئەلچىخانا سانىنى 2016  - يىلى 39 غا يەتكۈزۈپ، ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مەۋجۇدىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. پەقەت 2012 – ۋە 2013 – يىللىرىلا تۈركىيە ئافرىقىدىكى تۈرلۈك ياردەم لايىھەلىرىگە تەخمىنەن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئافرىقىدا 16 دانە بىيۇروسى بار بولۇپ، بۇ بىيۇرولار يېڭى سۇ قۇدۇقلىرىنى بەرپا قىلىشتىن، شىپاخانا ئېچىشقىچە، دېھقان – چارۋىچىلارنى تەربىيەلەشتىن تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى رېمۇنت قىلىشقىچە قىتئە مىقياسىدا يۈزلەرچە لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئونلارچە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئاكتىپ ھالدا ياردەم بەرمەكتە. بۇ يېڭى نۇقتىئىينەزەر ئافرىقا خەلقلىرىنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. 2008 – يىلى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيەنى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ قىلىپ بېكىتتى. شۇ يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلدى، ئارقىدىنلا 2014 - يىلى مالابو، ئېكۋاتور ۋە گىۋىنىيەدىمۇ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2019 – يىلى چاقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ئومۇمىي سودا مىقدارى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاز ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 25 مىليارد دوللارغا يەتتى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 30 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىدە تەخمىنەن 40 نۇقتىغا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە. بۇ رەقەم دۇنيادىكى باشقا خەلقئارالىق ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭكىدىنمۇ كۆپتۇر. 30 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسى بار. ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن 5 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىپ ئوقۇماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيە – ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان كۈچلۈك ۋە مۇقىم بىر مايىللىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە.

ئافرىقا تەبىئىي  بايلىقلىرى مول، ياش ۋە دىنامىكىلىق نوپۇسىغا، مىسلىسىز تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر قىتئەدۇر. ئەمما ئافرىقا ئەنە شۇنداق مىسلىسىز بايلىقلارغا ئىگە بولۇشىغا قارىماي نامراتچىلىق ئىچىدە ئېچىنىشلىق ئىڭرىماقتا. كۆپلىگەن ئافرىقا ئەللىرگە نىسبەتەن سىياسىي مۇقىملىق، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، نامراتلىقنى تۈگىتىش، سىجىل تەرەققىيات ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ياۋروپا جاھانگىرلىكىنىڭ ئافرىقىدىكى شەرمەندىچىلىكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان تارىخى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ھامىيلىق تۈزۈم قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسقا، ھامىيلىق ئۇرۇشلىرىغا، زامانىۋى قۇللۇققا ۋە ئىقتىسادىي مۇستەملىكىچىلىككە قارىتا ئىنسانىيەتنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر