«ياۋروپادا سىياسىي مۇقىمسىزلىق خەۋپى بار»

ياۋرو گۇرۇپپىسى باشلىقى ۋە گوللاندىيە مالىيە مىنىستىرى جېروئېن، ياۋروپادا سىياسىي مۇقىمسىزلىق خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

660157
«ياۋروپادا سىياسىي مۇقىمسىزلىق خەۋپى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېروئېن، ياۋرو قوللىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان <ياۋرو گۇرۇپپىسى يىغىنى> دىن كېيىن مەتبۇئاتقا بايانات بەردى. ئۇ، ياۋرو گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئەللەرنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ يىل، ياۋرو رايونىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىنى تەخمىن قىلماقتىمىز. ئىككىنچى تەرەپتە، بەزى خەۋپلەر بار؛ ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىمدا كۆرۈلگۈسى سىياسىي مۇقىمسىزلىق، سىرتتا بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى مەنبە قىلغان سىياسىي مۇقىمسىزلىق خەۋپلىرى بار» دېدى.

ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن جېروئېن، «بۇ نۇقتىدا دۇنيادا ئەركىن تىجارەتنىڭ كۈچىيىشى ۋە ياۋروپا ئىچكى بازىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى كۈچلۈك ئېشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئوچۇق بازار ئىقتىسادى بولۇش بىلەنمۇ ئەمگەك كۈچى يارىتىش، ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جېروئېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش مەركەزلىك ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ياۋروپا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەمگەكچىلەر ۋە مۇھىت ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئەركىن سودا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز. بىز تېخىمۇ كۆپ رايونلار بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر